ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قوللىماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللىماقتا.
365934
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دىيارباقىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مىللىي بىخەتەرلىكنى قوغداش نىشانىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلماقتا. چۈنكى تۈركىيەنىڭ دۆلىتى ۋە خەلقىنى پ ك ك نىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى قوغداش ھوقۇقى بار» دېدى.