فىرانسىيە بىلەن ئىران مۇناسىۋىتى كۈچىيىشكە باشلىدى
فىرانسىيە بىلەن ئىران سودا بولۇپ ھەر قايسى ساھەلىرىدە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
416030
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرىزېدېنتى ھەسەن روھانى فىرانسىيە بىلەن نۇرغۇن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روھانى، فىرانسىيە بىلەن ئىراننىڭ 1 مىليارد دوللار قىممىتىدە سودا ھەجىمى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىرانسىيەنىڭ 11-سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تەييارلانغان فىرانسىيە، تېھران ھاكىمىيىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىشنى پىلانلىماقتا.
ئاپتوموبىل ۋە يېزا-ئىگىلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلمەكتە. ئىران رەھبىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا پارىژغا بارىدۇ.