يەمەندە شىددەتلىك بوران ئاپىتى يۈز بەردى

سۈرئىتى سائىتىگە 350 كېلومېتىرغا چىققان بوران ۋە قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۇنلىغان كىشى يارىدار بولدى، 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

415432
يەمەندە شىددەتلىك بوران ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى ئىچىدە تۇرغان يەمەننى بۇ قېتىم ئىسسىق بەلباغ بوران ئاپىتى ۋەيران قىلدى.
يەمەننىڭ سوكوترا ئارىلىدا مېغ بورىنىدىن شەكىللەنگەن قۇيۇن ئاپىتى ئاياللار ۋە كېچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرئىتى سائىتىگە 350 كېلومېتىرغا چىققان بوران ۋە قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۇنلىغان كىشى يارىدار بولدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن ئارالدىكى يۈزلىگەن كېمە ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. نۇرغۇن ساندا ھايۋانلار ئۆلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ھەمكارلىق مەركىزى يەمەندە بولۇپمۇ تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن مېغ بورىنى ئاپىتىنىڭ كۈچىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سوكوترا ئارىدا ئالدىنقى ھەپتىمۇ جاپالا بورىنى ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر