دائېشقا قارشى كۈرەشتە كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەگە ئېھتىياج بار

باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

414307
دائېشقا قارشى كۈرەشتە كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەگە ئېھتىياج بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشتا كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ« CNN International »تېلېۋىزىيە قانىلىدا ژۇرنالىست كىرىستىنا ئامانپورنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
داۋۇتئوغلۇدىن «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق» توغرىسىدا سورالغان سوئالغا قارىتا، داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى ھاۋادىن ئىزچىل ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۆز ئالدىغا بۇ يۈكلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ بولالمايدۇ. قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق چوڭ ئىشنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېڭەش قىلىدىغان مەسىلىدۇر. ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكەتلىرى بولۇپ كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەگە ئېھتىياجىمىز بار. ئەگەر ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن ئىستىراتېگىيە بولىدىغان بولسا، تۈركىيە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا تەييار.»
«بۇنىڭغا قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشمۇ كىرەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا قارىتا داۋۇتئوغلۇ: «ئەلۋەتتە، ئەكسىچە بولغاندا، دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا ئوتتۇرىدا كۈچ بوشلۇقى داۋاملىشىدىغان بولسا، دائېشنىڭ ئورنىغا يەنە بىر تېررورچى گۇرۇھى پەيدا بولىدۇ. سۈرىيە كىرزىسىنى ئەتراپلىق ھالدا ھەل قىلىشىمىز لازىم» دېدى.
تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قوشۇلۇپ، دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە داۋاملىق ھەمدەمدە بولۇپ كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەنىلا يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بىز ئايلاردىن بۇيان ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەكلىپ بېرىپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بۇ قېتىممۇ يەنە بىخەتەرلىك رايونغا ئىگە بولۇش ۋە دائېشنى چېگرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.»
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى بولغان پ ي د غا قىلىنىۋاتقان ياردەملەر ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۈرتلەرنى قوراللاندۇرماقچى بولسا بىز بۇنىڭغا قوشۇلىمىز، بىراق پ ك ك تېررورچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھەممەيلەن پ ك ك نىڭ شەھەرلىرىمىزگە، يېزىلىرىمىزغا، پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بولغان ھەر قانداق تەشكىلاتقا ياردەم بېرىلىشىگە بىزنىڭ قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر قانداق تەدبىرلەرنى ئالدىغانلىقلىرىمىزنى بىلىپ يېتىشى كېرەك.»
داۋۇتئوغلۇ 1-نويابىردىكى ئومۇمىي سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز نىسبىتىنى ئاشۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئالدۇق. يېڭى سايلام خىتابنامىسى تەييارلاپ چىقتۇق. بۇلاردىن باشقا سەمىمىيەت، سوغۇققانلىق ۋە مۇقىملىققا ئوخشاش ئاچقۇچلۇق سۆزلەر تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر