بۇكرەشتە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 43 ئادەم ئۆلدى

رومېنىيەنىڭ پايتەختى بۇكرەشتىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش يۈز بەردى، ئارقىدىنلا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

413329
بۇكرەشتە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 43 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە مەزكۇر كېچىلىك كۇلۇبتا 400 ئەتراپىدا ئادەم بار ئىكەن. ۋەقەدە 43 ئادەم ئۆلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.

تۈركىيەنىڭ بۇكرەشتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كوراي ئەرتاش ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەلىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەرتاش ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان مەزكۇر تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئايبەرك مانجىنىڭ جەسىتىنىڭ بۈگۈن كېچە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسى رومېنىيەدە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئاپەت ھېسابلىنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر