OPCW: دائېش خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى

خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى (OPCW) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشلاردا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

411651
OPCW: دائېش خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، دائېشنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئادەمنىڭ زەھەرلىك قىچا گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكى، بىر بوۋاقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى دوكلاتىدا پىرىنسىپ تۈپەيلىدىن ھېچقانداق تەشكىلات ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، دىپلوماتىك مەنبەلەر دائېش بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارادا تېرە، كۆز ۋە جىگەرنىڭ كۆيۈشىگە سەۋەب بولىدىغان قىچا گازى خىمىيەلىك قورال سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خەلقئارالىق كېلىشىملەردە قىچا گازىنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە باشقا قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر