ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتى ئاۋىياماتكا تۈپەيلىدىن كەسكىنلىشەمدۇ؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر جەنۇبىي دېڭىزدا سېئودور رۇزۋېلىت (USS Theodore Roosevelt ) ئاۋىياماتكىسىنى زىيارەت قىلدى.

411251
ئامېرىكا–خىتاي مۇناسىۋىتى ئاۋىياماتكا تۈپەيلىدىن كەسكىنلىشەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشتون كارتېر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى (ASEAN) نىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مالايشىياغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدا ئادالەتسىز ھالدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش پۇرسىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇ «سېئودور رۇزۋېلىت» ناملىق ئاۋىياماتكىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ھالدا رايوندا كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
ئۇ «سېئودور رۇزۋېلىت» ئاۋىياماتكىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مالايشىيانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ساباھ ئىشتاتىدىكى ھەربىي بازىدىن
« V-22 Osprey» تىپلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باردى. ئۇنىڭ زىيارىتىگە مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىشامۇددىن ھۈسەيىن ھەمراھ بولدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى رايوندا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان دېڭىز ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن كارتېرنىڭ ئاۋىياماتكىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ «ئىنتايىن نورمال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداق بولسىمۇ، ئاۋىياماتكىنىڭ ئورنى ۋە رايوندا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت، ھەممىنىڭ دىققىتىنى بۇ زىيارەتكە مەركەزلەشتۈردى.
ئاشتون كارتېر بىلەن ھىشامۇددىن ھۈسەيىننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نەق مەيداندا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە ئاۋىياماتكا مەسئۇللىرىدىن يېقىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرلار توغرىسىدا مەلۇمات ئالىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئامېرىكىنىڭ مالايشىيا بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ساباھ ئىشتاتىدىكى ھەربىي بازىدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مالايشىيا جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى چىققان رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
خىتاي 2014 – يىلى جەنۇبىي دېڭىزدا ئايروپىلان قونالايدىغان ۋە پاراخوتلار زەنجىر تاشلىيالايدىغان چوڭلۇقتا سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بولسا، ھەربىي مەقسەتتە قوللىنىدىغان جايلارنىڭ كېڭىيىدىغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق بىئارام بولغان رايوندىكى يەنە بىر دۆلەت فىلىپپىن بولۇپ، ئۇ لاھېيدىكى خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ ئاراللارغا 12 دېڭىز مىلىدىن كۆپ يېقىنلاشماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر