مايىڭجۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ تۈپ نىشانى ھەققىدە توختالدى

تەيۋەن رەئىسى مايىڭجۇ بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، تەيۋەن – خىتاي رەئىسلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

410868
مايىڭجۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ تۈپ نىشانى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن رەئىسى مايىڭجۇ بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تەيۋەن – خىتاي رەئىسلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايىڭجۇ شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئۆزئارا دۈشمەنلىكنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەمچى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تەيۋەننىڭ كېلەچەكتىكى رەھبەرلىرىنىڭ مۇشۇ خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مايىڭجۇ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىنگاپوردا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بۇ قېتىمقى يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى 1949- يىلىنىڭ مابەينىدىكى ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ يانۋار ئېيىدا پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان تەيۋەندىكى خىتايغا قارشى خاھىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، سايلامدا مايىڭجۇنىڭ گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر