«كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەك»

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىئان كۇرز كۆچمەنلەر كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

363484
«كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىئان كۇرز گېرمانىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان ‹فرانكفورت يىغما خەۋەرلەر گېزىتى› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆچمەنلەر كىرىزىسى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كېلىدىغان مۇساپىرلارنى توختىتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە» دېگەن كۇرز، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مەسىلىنىڭ مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئەنقەرەنىڭ ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر