ھايۋانسۆيەرلەر جەنۇبىي كورېيەدىن نۇرغۇن ئىتنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئامېرىكىلىق ھايۋان ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار جەنۇبىي كورېيەدىكى گۆشىنى يىيىش مەقسىتىدە بېقىلىۋاتقان ئىتلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

411208
ھايۋانسۆيەرلەر جەنۇبىي كورېيەدىن نۇرغۇن ئىتنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ھايۋان ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان، ھازىرغىچە جەنۇبىي كورېيەدىكى 3 دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بېقىلىۋاتقان ئىتلارنى سېتىۋېلىپ، قەپەسلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنلىرىنى ئىت بېقىشنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شال تېرىشقا قايىل قىلدى.

ئۇلار 100 دىن ئارتۇق ئىتنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئىتلارنى قوغداش مەركىزىگە ئېلىپ كەتتى. مەزكۇر ئىتلارنىڭ 25 ىگە كىشىلەرنىڭ ئىگە چىققانلىقى، قالغانلىرى ئۈچۈن يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيەدە ھەر يىلى 2 مىليون ئىت كېسىلىپ، گۆشى يىيىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر