ياۋروپا كۆچمەنلەر كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشماقتا

ياۋروپا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان كۆچمەنلەر كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرماقتا.

408555
ياۋروپا كۆچمەنلەر كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتەبىر ئېيىدا ياۋروپاغا دېڭىز يولى ئارقىلىق كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىلا 218مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن دېڭىز يولى بىلەن ياۋروپاغا كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئۆتكەن ئاي ياۋروپاغا دېڭىز يولى ئارقىلىق كەلگەن مۇساپىر سانىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سېنتەبىردىمۇ بۇ سانى 173مىڭغا يەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل ۋە 2016-يىلدا تەخمىنەن 700مىڭ كۆچمەننىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.
تېمپېراتۇرىنىڭ سوۋۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، مۇساپىرلارنىڭ دېڭىز يولى بىلەن ياۋروپاغا كېلىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسىمۇ، كۆپمە قېيىقلار بىلەن ئاق دېڭىز ۋە ئەگەدىكى خەتەرلىك سەپەرلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، ئەگەدە 300دىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 43 ئادەم ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر