ئامېرىكىدا باج تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئىشتاتىدا باج تۈزۈمىنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

362550
ئامېرىكىدا باج تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا باج تۈزۈمىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.
چىكاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا پۇل-مۇئامىلە رەسمىيەتلىرىدىن باج ئېلىنماسلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
سودا پايچىك مەركىزى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار «بايلارغا باج قويغىن، بايلىقنى ئۈلۈشتۈرۈڭلار» دەپ شوئار توۋلاشتى.
چوڭ شىركەتلەر بىلەن بانكىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن باج ئېلىنماسلىقىنى تەنقىد قىلغان نامايىشچىلار، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ راسخوت ئاجرىتىلىشى ئۈچۈن، پۈتكۈل پۇل-مۇئامىلە رەسمىيەتلىرىدىن باج ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتى.
چىكاگو سودا پايچىك مەركىزىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشتى، 41 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر