ئامېرىكا: دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ

‹تەبىئىي ئىرادە ھەربىي ھەرىكىتى› باياناتچىسى پولكوۋنىك ستېۋ ۋاررېن، ئاشقۇن تەشكىلات (دائېش) نى يوقىتىشقا 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

399774
ئامېرىكا: دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹تەبىئىي ئىرادە ھەربىي ھەرىكىتى› باياناتچىسى پولكوۋنىك ستېۋ ۋاررېن، ئاشقۇن تەشكىلات (دائېش) نى يوقىتىشقا 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاررېن ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىلگىرىلىشىگە ماسلىشىپ، بەيجىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە كۆپلىگەن نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، دائېشىنىڭ نۆۋەتتە 2014 – يىلىدىكىدەك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ پەقەت بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ 2014- يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەنلا بىتەرەپ قىلىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاررېن، «بۇ جەھەتتە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا ئېھتىياج بار. ئاخىرقى قېتىملىق قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدىمۇ بۇ بار ئىدى» دېدى.

ۋاررېن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىرلەشمە كۈچلەر ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈزەتمەكتە. رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تەرتىپسىز شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە بولۇپ، سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ قېلىشىغا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشىدىغان شەكىلدە داۋاملاشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2014 – يىلى 10 – ئىيۇندا مۇسۇلنى، ئارقىدىن باشقا بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلار ئىراقنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە داۋاملاشماقتا.

ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ قولىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر ئۇلارغا ھاۋادىن ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر