ئامېرىكا بىخەتەر رايون قۇرۇش مەسىلىسىنى ئەمدى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «سۈرىيە چېگراسىدا بىخەتەر رايون قۇرۇش» مەسىلىسىنى ئەمدى ئويلاشقا باشلىدى.

398970
ئامېرىكا بىخەتەر رايون قۇرۇش مەسىلىسىنى ئەمدى ئويلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان مۇساپىرلار ئېقىنى كىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «سۈرىيە چېگراسىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش» تەكلىپى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ مۇئاۋىنلىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئاق سارايدا، «سر چېگراسىدا بىخەتەر رايون قۇرۇش ئېھتىماللىقى» توغرۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزگەن. ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپلەر ئىچىدە بىخەتەر رايونغا ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيە ئەسكەرلىرىنى ئورنلاشتۇرۇشتىن سىرت يەنە، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەسىس قىلىش پىلانىمۇ بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر