ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك ياشنى سەۋەبسىز دۇمبالىدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۇيۇقىسىز دۇككاننىڭ ئىچىگە بېسىپ كىرىپ پەلەستىنلىك ياشنى تېپىپ مۇشلاشنى باشلىدى.

358174
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك ياشنى سەۋەبسىز دۇمبالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىك بىر ياشقا ھۇجۇم قىلدى.
ۋەقە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسدىكى تۇقۇنۇش جەريانىدا يۈز بەردى.
ۋەقە باشلىغان چاغدا 25 ياشلىق ئەنسار ئاسى ئىىسملىك ياش تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن كوچىدىكى ئۆز دۇككىنىدا ئىدى.
ئەنسار سىرتتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈۋاتقان پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۇيۇقىسىز دۇككاننىڭ ئىچىگە بېسىپ كىرىپ پەلەستىنلىك ياشنى تېپىپ مۇشلاشنى باشلىدى.
ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەنسار كېيىنچە ۋەقە جەريانىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر