مېكسىكا 66 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بورانغا دۇچ كەلدى

شىددەتلىك بوراننىڭ بىنالارنى يېقىتىپ تاشلاش ۋە سەل ئاپىتى قاتارلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

398549
مېكسىكا 66 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بورانغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچ ئوكياندا مېكسىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە چىققان پاترىشيا بورىنى قارا بورانغا ئايلىنىپ كەتتى.
غەربىي يېرىم شار رايونىدا ئەڭ كۈچلۈك بوران بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قارا بوراننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 265 كېلومېتىرغا يەتتى.
بۇ 1949 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بوران بولۇپ ئەنگە ئېلىندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار مېكسىكا ساھىللىرىنى تەسىر دائىرىسىگە ئالغان پاترىشيا بورىنىنىڭ بىر يوشۇرۇن ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
شىددەتلىك بوراننىڭ بىنالارنى يېقىتىپ تاشلاش ۋە سەل ئاپىتى قاتارلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇران سەۋەبىدىن ساھىل شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن خەلق بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ كېتىلدى. كىشىلەر يېمەك – ئىچمەك ئامبارلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ مېكسىكىغا قارىتا ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدا پاترىشيا بورىنىنىڭ مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش مۇمكىنلىكى بارلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر