«ئامېرىكا ساقچىلىرى قارا تەنلىكلەرگە ئايرىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ساقچىلارنىڭ ئامېرىكىكى قارا تەنلىكلەرگە قاراتقان زوراۋانلىقى ھەققىدە مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

397933
«ئامېرىكا ساقچىلىرى قارا تەنلىكلەرگە ئايرىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ۋە گۇمانىي قاراشلار بىلەن ناچار مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي بىر مەسىلە» دېدى.
ئوباما، ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكىنىڭ ئادالەت سىستېمىسى» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە ئايرىمچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا دەۋالار ھەققىدە توختالدى. ئوباما ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، بۇنى تالاش - تارتىشلىق سىياسىي كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋالماستىن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باراك ئوباما، ئامېرىكىدىكى جازالاندۇرۇش سىستېمىسى ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچ ئىشلىتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك» ھەرىكىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ئوباما، بۇ ھەرىكەتنىڭ تېگى ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئاممىۋى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر