ئامېرىكا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۆتتى

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دائېش نىشان قىلىنىۋاتقان بومباردىمانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۆتتى.

397935
 ئامېرىكا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا ئەزا تېررورىستلارنىڭ قارارگاھى ھېسابلىنىدىغان رەققەنىڭ مەركىزى كەم دېگەندە 17 قېتىم بومباردىمان قىلىندى، بۇ بومباردىمانلاردىن بىرىدە 4 پۇقرا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولغان بومباردىماننىڭ قايسى دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدىكى دائېش نىشانلىرىغا بىر كۈندە ئۇدا 26 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا سۈرىيەدە ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇملىرى ھېسابلىنىدىكەن. ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دائېشنىڭ بولۇپمۇ دىر ئەززۇر رايونىدىكى ئۆمەر نېفىت ساھەسى بىلەن نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بومباردىمان قىلىنغان.
دائېش بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىدىن ئېيىغا 1 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن 5 مىليارد دوللارغىچە كىرىم قىلىدىكەن.
رۇسىيەمۇ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە سۈرىيەدە ئۇدا 53 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 72 نىشانغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «دائېش تېخىچە سىرتتىن ياردەم ئېلىۋاتىدۇ. سىرتنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا دائېشنى ئاللىقاچان يوقاتقان بولاتتۇق.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر