«دائېش 3 ئايدا 3000 كىشىنى ئۆلتۈردى»
دائېشنىڭ يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، 3 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
357630
![«دائېش 3 ئايدا 3000 كىشىنى ئۆلتۈردى»](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/7149291439saldr.jpg?time=1719240796)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون مەركەزلىك IHS Jane's تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، ئىيۇلدىن سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دائېشنىڭ كۈندىلىك ھۇجۇملىرى ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 42 ئاشقان، بۇنداق بولغاندا دائېش كۈنىگە ئوتتۇرىچە % 11.2 ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بولىدىكەن.
دوكلاتتا، دائېشنىڭ ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە كۈنىگە ئوتتۇرىچە 8.3 ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
دائېشنىڭ يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 1086 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دولاتتا، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 65.3 ئاشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
IHS Jane's بۇ مەلۇماتلارغا پەقەت ئاشكارا مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېرىشكەنلىكلىرىنى، ھەقىقىي ھۇجۇم سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتمەكتە.