ترامپ: جامەلەرنى تاقىۋېتىشىمىز مۇمكىن

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى كارخانىچى دونالد ترامپ، سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامەلەرنى تاقىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

396109
ترامپ: جامەلەرنى تاقىۋېتىشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2016 – يىلىق پىرېزىدېنت سايلىمى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدىكى رىقابەتنى لىدەر سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كارخانىچى دونالد ترامپ، سايلام پىلانىنى ئېلان قىلغان تۇنجى يىغىلىشىدا ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىقلار بىلەن كۆچمەنلەرگە قارىتا نەپرەتلىك ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەن، چېگرىغا سېپىل سوقۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نەپرىتىنى قوزغايدىغان گەپلەرنى قىلغان، سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامەلەرنى تاقىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر