ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئېغىر زەربە

خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

395052
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئېغىر زەربە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنىڭ ئەلكەسەك رايونى بىلەن سىنجار يېزىسىدا دائېشنىڭ ئوق - دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك ئىسكىلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 نۇقتا بومباردىمان قىلىندى، ئونلارچە مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەلافەر ناھىيەسىدىن مۇسۇلغا كەلگەن 6 ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتكە زەربە بېرىلدى. ھۇجۇمدا كۆپ ساندا دائېش مىلىتانى ئۆلدى، ئاپتوموبىللار پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسۇلدا پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا پەشمەرگە كۈچلىرىدىن 2 كىشى، 8 دائېش مىلىتانى بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر