ئەسەد پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

ئىخلاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد تۈنۈگۈن موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن.

356755
ئەسەد پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېكوۋ تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەششار ئەسەد خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈنۈگۈن كەچتە موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن.
سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى ئۆتكەن ئاي رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن، ئارقىدىنلا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەدكە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر