ئامېرىكا: بىز خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەس، ئەمەلىيىتىگە قارايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بەزى شىركەتلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

356201
ئامېرىكا: بىز خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەس، ئەمەلىيىتىگە قارايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست يېقىنقى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە خىتاي تور بوزارلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە دورا شىركەتلىرىگە يەتتە قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا جاۋاب قايتۇردى.

ئېرنېست ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆتكەن ئاي كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇشىغا قارىماي، خىتاي كومپيوتېر ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر سوئالغا، دۆلىتىنىڭ خىتايغا بەرگەن ۋەدىسىگە قاراپ ئەمەس، قىلغان ئىشىغا قاراپ باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاي ۋاشىنگتوندا ئۇچراشقاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن تور ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى بويىچە كېلىشكەنىدى.

ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ تور جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

غەرب دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بولسا، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيادىن تور ھۇجۇمى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر