خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تور ھۇجۇمى داۋام قىلماقتا

ئامېرىكىنىڭ CrowdStrike بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

394004
خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تور ھۇجۇمى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان بىخەتەرلىك شىركىتى كراۋۇدسچايك (CrowdStrike)، سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كراۋۇدسچايك شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا، يېقىنقى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا تېخنىكا ۋە دورا ياساش شىركەتلىرىگە، خىتايدىن يەتتە قېتىم تور ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. دوكلاتتا، بۇ تور ھۇجۇملىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات ئىگىلەش مەقسىتىدە ئەمەس، ئەقلىي – مۈلۈك ۋە سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاشقا قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىملىرى ئىشلەيدىغان كراۋۇدسچايك شىركىتى بۇ دوكلاتىدا، خېرىدارلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قايسى شىركەتلەرنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما بۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25 – سېنتەبىردىكى كۆرۈشۈشىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىي – مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى تور دۇنياسىدا ئوغرىلىماسلىق ياكى قوللىماسلىق توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.
خىتاي ئىقتىسادىي مەقسەتتە تور ھۇجۇمى قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىلىرى خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر