خىتاي: ئامېرىكا  ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىقى لازىم

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلماسلىققا چاقىردى.

360702
خىتاي: ئامېرىكا  ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىقى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «2015 – يىللىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكلەرگە نەزەر» ناملىق دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، دىنىي سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىشتىن ۋاز كېچىشى لازىم» دېدى.
باياناتچى خۇا چۇنيىڭ، خىتاينىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا كۆرە، خىتاي ئۈرۈمچىدە 2014 – يىلى مايدا 31 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا تېررورىزمغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، «ئاشقۇن دىنچىلىق» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالماقتا ھەمدە تۇتقۇن قىلماقتا.
ۋاشىنگىتون، «2008 – يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش بىلەن تىبەتتە ياشاۋاتقان بۇددىستلارغا قاتتىق زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ» دەپ خىتاينى ئەيىبلىمەكتە ھەمدە «پروتېستانتلار بىلەن كاتولىكلارغا ئائىت كەم دېگەندە 400 ئىبادەتخانىنىڭ ئورنىنى بېسىم بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى چېقىۋەتكەن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر