ئىسرائىلىيە قۇددۇس ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى قارارلارنى ئالماقتا

ئىسرائىلىيەگە قارشى چىققانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆرۈپ تاشلىنىشىغا قوشۇمچە، ئۆرۈپ تاشلانغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق قۇرۇلۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەمدە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارارى چىقتى.

392336
ئىسرائىلىيە قۇددۇس ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى قارارلارنى ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قۇددۇس ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى قارارلارنى ماقۇللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتى «ساقچىلارغا قوددۇستىكى يوللارنى خالىغان چاغدا توسۇپ قىلىش ھوقۇقى بېرىش»كە ئوخشاش ئادەتتىن تاشقىرى قارارلارنى ماقۇللىدى.
ئىسرائىلىيەگە قارشى چىققانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆرۈپ تاشلىنىشىغا قوشۇمچە، ئۆرۈپ تاشلانغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق قۇرۇلۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەمدە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارارى چىقتى.
ماقۇللانغان قارارغا كۆرە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قۇددۇستا تۇرۇش رۇخسەت كېنىشكىسى ھېسابلىنىدىغان «قۇددۇس نوپۇسى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەردە ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ سانى ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەر ۋە يوللاردا ساقچىلارغا قوشۇمچە ئەسكەرلەرمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇددۇس بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، 1967 – يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا.
خەلقئارا قانۇنغا كۆرە بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر