ياۋروپاغا كۆچمەنلەر سەلدەك ئاقماقتا

ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆچمەنلىك دولقۇنىغا قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ كۆچمەنلەر ياۋروپاغا سەلدەك ئاقماقتا.

391572
ياۋروپاغا كۆچمەنلەر سەلدەك ئاقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە كۆچمەنلەر ياۋروپاغا قانۇنسىز يوللاردىن كىرىشكە ئۇرۇنماقتا.
ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى شىمالىي ئافرىقىدىن ئىتالىيەگە ئۆتمەكچى بولغان 700دىن ئارتۇق مۇساپىرنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
سىجىلىيانىڭ تىراپانى پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەن مۇساپىرلار سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى، ئالاقىدار مەسئۇللار قۇتقۇزۇپ قېلىنغان مۇساپىرلار ئارىسىدا 42 بالا بىلەن ھامىلە ئاياللار بولۇپ جەمئىي 167 ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، لىۋىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئافرىقىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن ياۋروپاغا بارماقچى بولغان 117 ئافرىقىلىق مۇساپىرنى تۇتىۋالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر