ئامېرىكا 6 مىڭ مەھبۇسنى قويۇپ بەرمەكچى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 2 مىليوندىن ئارتۇق مەھبۇستىن 6 مىڭىنى قويۇپ بېرىشكە تەييارلانماقتا.

390262
ئامېرىكا 6 مىڭ مەھبۇسنى قويۇپ بەرمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كەچۈرۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشمىغان بولۇشى شەرت ئىكەن.
مۆلچەرلىنىشىدە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ قوللىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىلەرگە ئاجرىتىلغان چىقىم ساغلاملىق مەركەزلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر