ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى قانۇنسىزلىقلىرىغا قارشى نامايىش

توقۇنۇشلاردا بىر پاي راس ئوق ۋە 13 پاي پىلاستىك ئوق تەگكەنلىكى سەۋەبىدىن 14 پەلەستىنلىكنىڭ يارىدار بولغانلىقى ھەمدە 21 كىشىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

388840
ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى قانۇنسىزلىقلىرىغا قارشى نامايىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇسنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىك ياشلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى ۋە 14 پەلەستىنلىك يارىدار بولدى.
پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى باياناتچىسى ئەرراب ئەل فۇقاھا توقۇنۇشلاردا بىر پاي راس ئوق ۋە 13 پاي پىلاستىك ئوق تەگكەنلىكى سەۋەبىدىن 14 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ھەمدە 21 كىشىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
فۇقاھا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا يارىدار بولغانلار سانىنىڭ 139 كىشىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كۆچمەن يەھۇدىيلار بەزى چوڭ يوللارنى توسۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا تاش ئاتتى.
ئىسرائىلىيەدىكى «1948 – يىلى ئىسلام ھەرىكىتى» رەھبىرى رائىد سالاھ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈز بەرگەن يېرىكچىكلىكلەرگە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رائىد سالاھ: «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا يۈز بەرگەن يېرىكچىلىكنىڭ پۈتۈن جاۋابكارلىقى نېتانيۇھۇنىڭ ئۈستىدە. ئۇ ھازىر "ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز، نېمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتقان ۋەزىيىتى مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا بۆلۈنىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغان ياخشى پۇرسەت" دېگەن گۇمان بىلەن بۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا» دېدى.
پەلەستىن خەلقى مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنسىزلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يافا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىسرائىلىيە ساقچىسى باياناتچىسى مىكىي روسېنفېلد يافا شەھىرىدىكى نامايىشلارغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 3 نەپەر ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ يېنىك يارىدار بولغانلىقىنى ۋە 2 پەلەستىنلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەل خەلىل شەھىرىدە بولسا، بىر كۆچمەن يەھۇدىي 11 ياشلىق پەلەستىنلىك كىچىك بالانى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇپ يارىدار قىلدى.
پەلەستىنلىك كىچىك بالا ئەل خەلىل دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى. يەھۇدىي كۆچمەن ۋەقەنى سادىر قىلىپ نەخ مەيداندىن قېچىپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر