پورتۇگالىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى

9 مىليون 700 مىڭ پورتۇگالىيەلىك بېلەت تاشلىغان تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) كى ئومۇمىي سايلامدا ئوڭچىلار غەلىبە قىلدى.

349573
پورتۇگالىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىش سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ئەلرايىنى سىناش رولىنى ئوينايدىغان بۇ قېتىمقى سايلاملاردا تۆت يىلنىڭ مابەينىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوڭچىلار بىرلەشمىسى %38 ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلامنىڭ غالىبى بولدى.

%32 ئاۋازغا ئېرىشكەن سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ باشلىقى ئانتونىئو كوستا مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، باش مىنىستىر پېدرو پاسوس كوئېلخونى تەبرىكلىدى.

ياۋروپادىكى قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان پورتۇگالىيەدە، خېلى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئىقتىساد بولۇپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىش سىياسىتى دۆلەتنى بىر قەدەر ئەركىن نەپەس ئالدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ھەر خىل قاتلامنىڭ نارازىلىقىغىمۇ ئۇچراپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر