تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

390168
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ پېشاۋېر شەھىرى ئەتراپىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسى بىلەن بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «قېرىنداش دۆلەت پاكىستاننىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىچكى مۇقىملىقىنى بوزۇش نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر – تاقەت تىلەيمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر