سېربىيە بىلەن كىرودىيە 7 چېگرا ئېغىزىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋەتتى

سېربىيە بىلەن كىرودىيە 7 چېگرا ئېغىزىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى.

351421
سېربىيە بىلەن كىرودىيە 7 چېگرا ئېغىزىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇساپىرلار ئېقىنىغا دۇچ كەلگەن كىرودىيە بىلەن سېربىيە 7 چېگرا ئېغىزىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ 11مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ توۋارنىك، ئىلوك، ئىلوك 2، پىرىنسىپوۋاك، پىرىنسىپوۋاك 2، باتىنا ۋە ئەردۇت چېگرا ئېغىزلىرىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋېتىش قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇساپىرلارنىڭ سىلوۋېنىيە ئارقىلىق باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىش يولى شەكىللىنىپ قېلىنىشىغا توسالغۇ بولۇش ۋە مۇساپىرلارنى ئاۋىستىرىيەگە ئېلىپ ماڭغان پويىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە سىلوۋېنىيە چېگرا ئېغىزىدا توختىتلىشىغا قارىتا، مۇشۇنداق قارارنىڭ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
150 مۇساپىر بولغان پويىز توختىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان مۇساپىرلار پوستاينادىكى مەركەزگە يۆتكەپ كېلىندى.
چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ قاچانغىچە مۇشۇ ھالەتتە قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ۋېنگىرىيەنىڭ سېربىيە چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن مۇساپىرلار كىرودىيەگە قاراپ ماڭغانىدى. بۇ ئارىلىقتا، بۇلغارىيەمۇ تۈركىيە چېگرىسىغا مىڭ ئەسكەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر