ياۋروپا پارلامېنتى كۆچمەنلەر پىلانىنى قوبۇل قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى 120 مىڭ كۆچمەننى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قوبۇل قىلدى.

351057
ياۋروپا پارلامېنتى  كۆچمەنلەر پىلانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەن ئېقىنلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىتالىيە، گىرېتسىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نىشان قىلىنغان «قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» نى 736 پارلامېنت ئەزاسىدىن 372 سى قوللاپ ئاۋاز بەردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پىلاننىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق بەلگىلەپ چىقىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، كۆچمەن ئېقىنلىرى تۈپەيلى توختىتىپ قويۇلغان ۋىيانا – بۇداپېشت پويىز سەپەرلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ.
ئاۋىسترىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى ۋېنگىرىيە پويىز سەپەرلىرىنىڭ 18 – سېنتەبىر كۈنى قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پويىز سەپەرلىرى 10 – سېنتەبىر كۈنى توختىتىپ قويۇلغانىدى.
ۋېنگىرىيەنىڭ سېربىيە چېگراسىنى تاقىۋېلىشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىن ئاۋىسترىيەگە ئۆتۈۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئازايدى.
بۇداپېشت ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق مۇئامىلە قىلىشىغا دۇچ كەلگەن كۆچمەنلەر كىرودىيە بىلەن سىلوۋېنىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
كۆچمەنلەر ئاۋىسترىيە ئارقىلىق گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىشقا تىرىشماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، گېرمانىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولدا چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېربىيە بىلەن ۋېنگىرىيەدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسى چېگرا رايونلىرىدا ئادەم ئېلىپ قېچىش جىنايەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر