ئەنقەرە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ

دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى رەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرە پائال ھەرىكەتتە...

389169
ئەنقەرە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارنىڭ كېلىشىنى رەت قىلىپ، چېگرالىرىنى تاقىۋېلىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېگرانى تاقىۋېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ياۋروپانىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆچ دولقۇنىغا دۇچ كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ياۋروپانىڭ تەخمىنەن 400 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىپ، جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز 2011 – يىلدىن بۇيان 2 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنى مېھمان قىلىۋاتىمىز. سۈرىيەدىكى مەسىلە زالىم ھۆكۈمەتنى بالدۇرراق يوقىتىپ، ئورنىغا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە تايىنىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ھەل بولىدۇ» دېدى. ئۇ تۈركىيە چېگراسىدا «تېررورچىلاردىن تازىلانغان بىخەتەر رايون» قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنداق قىلغاندا، ھەم يېڭى مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ياۋروپانىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالغان كىشىلەرگە ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. مېركېل رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا: «يىل ئاخىرىغىچە 800 مىڭدىن 1 مىليونغىچە مۇساپىر قوبۇل قىلىمىز» دېدى. مېركېل يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.
شىۋېتسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە چوڭقۇر پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلۈۋاتقان پەيتلەردە، بىر ھەپتە ئىچىدە 5200 مۇساپىر قوبۇل قىلدى. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىۋېتسىيە ئىيۇن ئېيىدا 6 مىڭ 619 ، ئىيۇلدا 11 مىڭ 743 مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان.
مۇساپىرلارغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسى بىلەن دىققەت تارتقان ۋېنگىرىيە، سېربىيە چېگراسىدىن كېيىن رۇمېنىيە چېگراسىغىمۇ تام سېلىشنى پىلان قىلدى. ۋېنگىرىيە چېگراسىنى قانۇنسىز كەلگەن كۆچمەنلەرگە تاقىۋالغاندىن كېيىن، سېربىيە تەرەپتە قالغان مۇساپىرلار چارىسىز ھالدا ساقلاشقا مەجبۇر قالدى.
چېخ جۇمھۇرىيىتى بولسا، مۇساپىرلارغا قارشى چېگراسىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاۋستىرىيە 16 – سېنتەبىردىن باشلاپ ۋېنگىرىيە، ئىتالىيە، سلوۋاكىيە ۋە سلوۋېنىيە چېگرالىرىدا ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇساپىرلار كىرىزىسى ياۋروپادىكى نەتىجىلىرىدىن بىرى شەنگەن كېلىشىمىنىڭ ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدىغان شەكىلدە توختىتىپ قويۇلۇشى بولدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى مائۇئېل ۋولس ياۋروپانى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالغان مۇساپىرلار كىرىزىسى قارشىسىدا، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا گېرمانىيە يولغا قويغاندەك چېگرالىرىدا سچېنگېن پىرىنسىپىنى توختىتىپ، كىملىك تەكشۈرۈش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
پۈتكۈل ئىنسانىيەت كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى ۋە دۇنيادىكى رولىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ مۇھىم چاقىرىقلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر