ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە غەززەنىڭ بىرلا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك يېقىلغۇنىڭ كىرىشگە بولسا، يەكشەنبە كۈنى قىسمەن رۇخسەت قىلىدىغان بولدى.

378001
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ بىردىنبىر سودا ئېغىزى تاقىۋېتىلدى.
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ بىردىنبىر سودا ئېغىزى بولغان كەرىم ئەبۇ سالىم ۋە بەيت ھانۇن ئېغىزىنى يەھۇدىلارغا نىسبەتەن يىل بېشى ھېسابلىنىىغان «روش ئاشانا» ۋە «سۇكوت» بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ 5 كۈنلۈك تاقىۋەتتى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەنىڭ بىرلا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك يېقىلغۇنىڭ كىرىشگە بولسا، يەكشەنبە كۈنى قىسمەن رۇخسەت قىلىدىغان بولدى.
ھاماس 2006 – يىلىدا سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىيەت بېشىغا كەلگەندىن تارتىپ، ئىسرائىلىيە غەززەغە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.
بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزى خۇسۇسەن چەت ئەل پاسپورتى بولغانلارنىڭ كىرىپ – چىقىشى ئۈچۈن ئوچۇق تۇتۇلغان ۋە كەرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىپ - چىقىشى ئۈچۈن قىسمەن ئوچۇق تۇتۇلۇپ كەلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر