رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشقا باشلىدى

لىۋاننىڭ بەزى مەسئۇل خادىملىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا كىچىك كۆلەمدە ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

377293
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرس ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان لىۋانلىق بەزى مەسئۇل كىشىلەر، رۇسىيە ھازىرغىچە قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نام – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان لىۋان دائىرىلىرى: «رۇسىيە ھەربىي مەسلىھەت بېرىشتىن كۆپرەك، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ، ئەمما كۆلىمى چوڭ ئەمەس» دېدى.
بىراق، رۇسىيەنىڭ قايسى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەگە ئىككى ھەربىي پاراخوت، بىر ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى ۋە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن بەكرەك لازقىيەنىڭ شىمالىدا بىر ئايرودۇرۇم ياساۋاتقان بولۇپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئەتراپىغا يۈزلەرچە ئەسكەر تۇرىدىغان تەييار ئۆيلەر ئاپىرىلغان.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ھەربىي مەسلىھەت بېرىش ۋە قورال- ياراغ ئەۋەتىشنىڭ يېڭى ئىش ئەمەسلىكىنى، غەربنىڭ بۇ خەۋەرلەرنى كەڭ تارقىتىپ جىددىي كەيپىيات يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بېرىلگەن قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن سۈرىيەدە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى. ئەمما، موسكۋانىڭ سۈرىيەدە توقۇنۇشلارغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر