ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا خۇسۇسىي مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جىنايەت ۋە تېررورىزمقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى، ئادرېسلىرى ۋە سوت مەھكىمىسىدىن ئېلىنىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە دائىر خەت قاتارلىق تۈرلۈك خۇسۇسىي مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىش

343650
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا خۇسۇسىي مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا كۆرە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا خۇسۇسىي مەلۇماتلارنىڭ قوغدىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك «رامكا كېلىشىمى» ئىمزالانغان.
كېلىشىم ئارقىلىق خۇسۇسىي مەلۇماتلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار تەرىپىدىن ئورتاقلىشىشقا قارىتا قويۇلىدىغان چەكلىمىلەر بەلگىلەپ چىقىلىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا قانۇنىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ كۈچەيتىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 4 يىل داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر