ئىران ئەسكەرلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىىسدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىراندا ئەسكەرلەر بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشتا، 2 ئەسكەر ۋە 2 تېررورچى ئۆلدى.

343523
ئىران ئەسكەرلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىىسدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا ئەسكەرلەر بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىىسدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
ئىراندا تېررورلۇق تەشكىلاتى «PJAK/KODAR» بىلەن ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 2 ئەسكەر بىلەن 2 تېررورچى ئۆلدى.
ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوي ۋالىيسى ھۇسەين سىۋانى ئاسىل تۈنۈگۈن كېچىدە رازى چېگرا رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى «PJAK/KODAR» ئەزالىرى بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
سىۋانى ئاسىل توقۇنۇشتا 2 تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 5 تېررورچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2 ئىنقىلاپبىي مۇھاپىزەتچىسىنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر