ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قىسىملىرى سۈرىيەدە دائىشقا ھۇجۇم قىلدى

ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 2 نەپەر ئېنگىلىز بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 3 دائش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

376182
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قىسىملىرى سۈرىيەدە دائىشقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە تېرورلۇق تەشكلاتى دائىشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىراقتىن كېيىن سۈرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولدى.
ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 2 نەپەر ئېنگىلىز بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 3 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
ھۇجۇمنىڭ دائېش مىلىتانلىرىدىن بىرسىنىڭ ئەنگلىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشتىخبارات تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى (BND)، دائېشنىڭ خىمىيەلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
گېرمانىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا يارىدار بولغانلاردىن ئېلىنغان قان ئۆرنەكلىرىدە ھاردال گازى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېگراسىز دوختۇرلار تەشكلاتىمۇ ئۆتكەن ئايدا، دائېشنىڭ خىمىيەلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشنىڭ لىۋىيەدىكى ئىلگىرىلەشلىرى داۋاملاشماقتا.
تەشكىلات لىۋىيەنىڭ توبرۇك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملارغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 3 ئەسكەر ئۆلۈپ، 4 ئەسكەر يارىدار بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر