گېرمانىيەدە ئۇچقۇچىلار ئىش تاشلىدى

گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى لۇفتانسادا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچقۇچىلار 13-قېتىم ئىش تاشلىدى.

375939
گېرمانىيەدە ئۇچقۇچىلار ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى لۇفتانسادا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچقۇچىلار 13-قېتىم ئىش تاشلىدى.
گېرمانىيە ئۇچقۇچىلار ئۇيۇشمىسى كوكپىت ئىش تاشلاشنىڭ ئەتە سائەت سەككىزدە باشلىنىپ، يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇيۇشما ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بازار شارائىتلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەرگە، لۇفتانسانىڭ قۇلاق سالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا، ئۇيۇشما ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ زورىيىش ۋە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
لۇفتانسا ۋە ئۇيۇشما ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر ئىختىلاپ تېمىسى ئۇچقۇچىلارنىڭ پېنسىيە يېشى بولۇپ، گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچقۇچىلارنىڭ پېنسىيە يېشىنى ھازىرقى 55تىن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
ئىش تاشلانغان تەقدىردە خەلقئارا سەپەرلەر بىلەن يۈك سەپەرلىرى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇچقۇچىلار ھازىرغىچە 12 قېتىم ئىش تاشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال 300 مىليون ياۋرو زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر