گېرمان ئۇچقۇچىلار 13-قېتىم ئىش تاشلىدى

گېرمان ئۇچقۇچىلار كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاپ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

376207
گېرمان ئۇچقۇچىلار 13-قېتىم ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى لۇفتانسادا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچقۇچىلار 13-قېتىم ئىش تاشلىدى.
ئۇچقۇچىلار كوكپىت ئىش تاشلاشنىڭ يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇيۇشما ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بازار شارائىتلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەرگە، لۇفتانسانىڭ قۇلاق سالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا، ئۇيۇشما ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ زورىيىش ۋە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
لۇفتانسا ۋە ئۇيۇشما ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر ئىختىلاپ تېمىسى ئۇچقۇچىلارنىڭ پېنسىيە يېشى بولۇپ، گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچقۇچىلارنىڭ پېنسىيە يېشىنى ھازىرقى 55تىن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
ئىش تاشلانغان تەقدىردە خەلقئارا سەپەرلەر بىلەن يۈك سەپەرلىرى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇچقۇچىلار ھازىرغىچە 12 قېتىم ئىش تاشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال 300 مىليون ياۋرو زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر