ئاۋىستىرىيەدە كۆچمەنلەر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا كۆچمەنلەر ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

341613
ئاۋىستىرىيەدە كۆچمەنلەر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا كۆچمەنلەرگە قىلىنغان ناچار مۇئامىلىگە قارشى چىققان نۇرغۇن كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشقا تەخمىنەن 2000 ئادەم قاتناشتى. ئاۋىستىرىيەدە بىر يۈك ماشىنىسىدىن 71 كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، مۇساپىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە كۈلپەتلەر سەۋەبىدىن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايشچىلار شەھەردە ئاۋات بىر كوچىدىن ۋېست باھخوف پويىز ئىستانسىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. پويىز ئىستانسىسىغا كەلگەن مۇساپىرلارنى كۈتۈۋالغان نامايىشچىلار، كۆچمەنلەرگە سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك تارقىتىپ بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر