دائېش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

دائېش سەۋەبىدىن 70 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۆزگە يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

372985
دائېش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

دائېشنىڭ ھالەپنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىغا قارىتا، مىڭلارچە كىشى بىخەتەر رايونلارغا كۆچمەكتە.
دائېشنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا ھالەپنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قوزغىشى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 70 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ بىخەتەر دەپ قارىلىدىغان تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن رايونلارغا كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دەمەشىق ئالدىنقى سەپ مەتبۇئات ئىشلىرىغا مەسئۇل ياسىر ئەبۇ ئاممار ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائېشنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مارى ۋە تېل رىفات ناھىيەلىرى، سوران، تىلاليان، ئۇم خوش، ئۇم قۇرا يېزىلىرىغا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى سەۋەبىدىن، خەلقنىڭ شىمالدىكى رايونلارغا كۆچۈشكە باشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئاممار توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن كۆچۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭ 70مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دائېشنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا قالغان مارىدىكى ئۆيىنى تاشلاپ تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا چېدىر قۇرغان ئەبۇ فازىل، ئانادولۇ ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر