«ئۆلۈك ۋە يارىدار بولۇپ، 220 تالىبان ئەزاسى قولغا چۈشۈرۈلدى»

ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.

371736
«ئۆلۈك ۋە يارىدار بولۇپ، 220 تالىبان ئەزاسى قولغا چۈشۈرۈلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ھىلماند ۋىلايىتىدە ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تالىبانغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 220 تالىبان ئەزاسى ئۆلۈك ۋە يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ھىلماند ۋىلايىتىنىڭ مۇسا قەلئە ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، تالىبان مەزكۇر ناھىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىلدى.

ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو كۈچلىرىمۇ ھاۋادىن قوللاپ بەردى. شەھەرنىڭ كونتروللۇقى قايتىدىن ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ناھىيەدە تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى. ئىزدەش – چارلاش جەريانىدا كۆپ مىقداردا پارتلاتقۇچ ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر