خىتاي دائىرىلىرى مىڭلارچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش› قارارنامىسى ماقۇللىدى.

371671
خىتاي دائىرىلىرى مىڭلارچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، شەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەن ‹ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش› قارارنامىسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان پىشقەدەم جەڭچىلەرنى، 1949- يىلى كوممۇنىستلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىچكى ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغانلارنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كورېيە ئۇرۇشىدەك ئۇرۇشلارغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا قارارنامە دائىرىسىدە 75 ياشتىن چوڭ مەھبۇسلار، يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ 3 يىللىقتىن ئاز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياشلار ۋە كېسەل مەھبۇسلارمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر