ياۋروپا ئېغىر كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە

ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە.

369138
ياۋروپا ئېغىر كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەڭ ئېغىر كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئافرىقا، ئوتتۇراشەرق ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن مىڭلارچە ئادەم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىرەرسىگە ماكانلىشىپ قېلىش ئۈچۈن، بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقماقتا، كۆپىنچىسى بۇ مۇشەققەتلىك سەپەر ئەسناسىدا ئاق دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.
ھاياتتا قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تۇنجى بېكىتى ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرى بولماقتا. بۇ يەرگە كېلەلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى كېسەل بولۇپ كەتكەنلىكتىن مەجبۇرىي داۋالانماقتا. كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىتالىيە پورتلىرىغا 4000 قانۇنسىز كۆچمەن قەدەم باستى.
قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۈچۈن يەنە بىر يول قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ، كۆچمەنلەر گىرېتسىيە، ماكېدونىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى ۋېنگىرىيەگە بېرىشنى كۆزلمىمەكتە. كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە رايونغا قەدەم باسقان كۆچمەن سانى 7000 ئەتراپىدا بولغان. ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا كۆچمەنلىك دولقۇنىغا چارە ئىزدىمەكتە.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرىزېدېنتى فىرانسۇا ئولاند بۇ مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.
كېيىنكى كۈنلەردە كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋېنگىرىيە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سېربىيە چېگرىسىغا تام ياساپ چىقماقچى بولدى. 4 مېتىر ئېگىزلىكتە 1 مېتىر 75 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تام 31-ئاۋغۇستتا تاماملىنىدۇ. كۆچمەن دولقۇنى ياۋروپادىكى چەتئەللىكلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنىمۇ ئۇلغايتماقتا.
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا مۇساپىرلار قېلىۋاتقان بىر ئۆي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى. تىرامۋايدىكى بىر كۆچمەن ئائىلىمۇ دەسلەپ ھاقارەتكە ئۇچرىدى ئارقىدىن تاياق يېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر