دائېش سېپىغا قوشۇلماقچى بولغان 36 كىشى تۇتۇلدى
دائېش سېپىغا قوشۇلماقچى بولغان 36 كىشى سۈرىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا ژاندارما قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلدى.
369098
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سېپىغا قوشۇلماقچى بولۇپ سۈرىيە چېگرىسىدىن ئۆتمەكچى بولغان 31ى چەتئەللىك بولۇپ جەمئىي 36 كىشى تۇتۇلغان.
ۋالىي مەھكمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش باشقارمىسى بىلەن ژاندارما قوماندانلىقى قىسىملىرى، ئەلەيلى ناھىيەسىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھاۋۇزلۇچام يېزىسى چېگرا لىنىيەسىدىن سۈرىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 31ى چەتئەللىك بولۇپ جەمئىي 36 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.
دائېش سېپىغا قوشۇلۇپ كېتىشىدىن گۇمان قىلىنغان بۇ شەخسلەر سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.