ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئىراقتا دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) ئەزالىرى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلدى.

340162
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ رامادى شەھىرىدە دائېش ئەزالىرىنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە چىققان ئېتىشىشلاردا، 50 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىراقنىڭ ئەنبار، سەلاھاددىن ۋە نىنوۋا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە چىققان توقۇنۇشلاردا، 90 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەرراتبە ۋە ئەلقائىم ناھىيەلىرىدىكى دائېش نۇقتىلىرىغا قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا، 40 دائېش ئەزاسى يارىلاندى. بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرى نىنوۋا ۋىلايىتىدىمۇ دائېش نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن 12 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
بۇ جەرياندا، ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 19 ئادەم يارىلاندى. بۇ ھۇجۇمغا ھېچقانداق تەشكىلاتى ياكى شەخس مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر