ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلماقچى

مۇھەممەد سۇبەيھ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارشى بايقۇت سەپەرۋەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە بانكىلىرىنىڭ قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

333840
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.
ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇھەممەد سۇبەيھ ئىسرائىلىيە مەھسلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
مۇھەممەد سۇبەيھ «پەلەستىن ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم» دېدى.
مۇھەممەد سۇبەيھ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارشى بايقۇت سەپەرۋەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە بانكىلىرىنىڭ قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد سۇبەيھ يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر