دائېش قوللىغۇچىلىرىنى ئىستانبۇلنى «پەتھى» قىلىشقا چاقىردى

دائېش بىر ئۈن لېنتىسى تارقىتىپ تۈركىيەدىكى قوللىغۇچىلىرىنى ئىستانبۇلنى «پەتھى» قىلىشقا چاقىردى.

331964
دائېش قوللىغۇچىلىرىنى ئىستانبۇلنى «پەتھى» قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېش بىر ئۈن لېنتىسى تارقىتىپ، تۈركىيەدىكى قوللىغۇچىلارنى جىھاد ۋە ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشقا چاقىرغان.
خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: «ئىلگىرىمۇ تۈركىيەگە تەھدىت سالغان دائېش بىر ئۈن لېنتىسى تارقىتىپ تۈركىيەدىكى كىشىلەرنى جىھاد قىلىشقا چاقىرغان. ئۈن لېنتىسىدا سۆز قىلغان دائېش ئەمىرى بۇلتۇر تۈركىيەدىن دائېش سېپىغا قوشۇلۇپ كەتكەن كىشى ئىكەن. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارشى بولمىغۇر گەپ-سۆزلەر قىلىنغان بۇ ئۈن لېنتىسىدا ئەنقەرەنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قوشۇلۇپ دائېشقا قارشى ھەرىكەت قىلىشى تەنقىد قىلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى دائېش قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىنغان بۇ ئۈن لېنتىسىدا، تۈركىيەلىك بىر دائېش مىلىتاننىڭ تۈركچە سۆزلىشى ۋە ئۈن لېنتىسىنىڭ لېنتىغا ئېلىنىش تېخنىكىسىنىڭ كەسپىي ۋە ئىلغار بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوغدايدۇ.
‹ئى تۈركىيە خەلقى، قوزغىلىڭلار!› تۈركىيە خەلقىگە خىتاب قىلغان دائېش ئەمىرى سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: ‹ئى تۈركىيە خەلقى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي بۇ دىنسىزلارغا، ئەھلى سەلىبلەرگە ۋە سىلەرنى ئالداپ ئەھلى سەلىبلەرگە قۇل قىلغان بۇ ئازغۇن مەلئۇنلارغا قارشى قوزغىلىپ ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشىڭلار كېرەك. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ خائىن ئازغۇن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىلەرنى باشقۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئىشلاردىن تۆۋبە قىلىشىڭلار لازىم. دېموكراتىيەنى، سېكۇلارلىقىنى، ئىنسانلار تۈزگەن قانۇنلارنى، قەبىرپەرەستلىكنى ۋە بۇلارنىڭ سىرتىدىكى بارلىق ئازغۇنلۇقلارنى ئىنكار قىلىڭلار. تاكى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغۇچە بولدى قىلماڭلار. ئۇرۇشۇڭلار مەلئۇن جاھالەتكە قارشى ئۇرۇش، جەسىتىڭلار ئاتېئىست ۋە ئەھلى سەلىبلەر بىلەن بىرگە دوزاخ ئوتىدا بولۇپ قالمىسۇن. ئىمان ئېيتقۇچىلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، كاپىرلار بولسا ئازغۇن مەلئۇنلار يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ. شۇڭا شەيتاننىڭ دوستلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، شەكسىزكى، شەيتان قۇرغان تۈزۈم تولىمۇ ئاجىزدۇر.
‹ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئاللاھ ئۇنى قوغدىغاي دېگەن بۇيرۇقى بىلەن، كېچە-كۈندۈز ئەھلى سەلىبلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقان ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلايلى›دەپ چاقىرىق قىلغان دائېش ئەمىرى، «ئاللاھىم قەۋىمنى تەۋھىدكە، جىھادقا ۋە ئىسلام جامائىتىگە يۈزلەندۈرگەيسەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلىپ ئازغۇن مەلئۇنغا ئىمان ئېيتقۇچىلار! ھەتتا بىلىپ تۇرۇپ خائىنلىق قىلغۇچىلار، ئاتىڭىز ئاتاتۈركنىڭ يولىدا مېڭىپ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىدا قانۇن چىقىرىپ، ئەھلى سەلىبلەرنى، مۇرتەدلەرنى ۋە دىنسىزلارنى دوست تۇتۇپ ئازغۇن مەلئۇن بولۇپ كەتكەنلەر! ئاللاھقا تۆۋبە قىلىڭلار، ئۇنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار ۋە ئىبراھىمنىڭ مىللىتىدىن ئىكەنلىكىڭلارنى خەلقى ئالەمگە جاكارلاڭلار. مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىڭلار، ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار. بۇنى قىلمىساڭلار ئاخىرەت ئازابىدىن بۇرۇن دۇنيادا رەسۋا بولۇشنى كۈتۈپ تۇرغان بولىسىلەر. ئى تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز! قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر شارائىتىڭلارنىڭ يار بېرىشىچە دۆلىتىڭلار بولغان خەلىپىلىك دۆلىتىگە ياردەم قىلىڭلار. قانلىرىڭلار ۋە جانلىرىڭلار بىلەن خەلىپىمىزگە ۋە خەلىپىلىك دۆلىتىگە ياردەم قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش سىلەرمۇ بۇ دۆلەتكە ياردەم قىلىڭلار. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار. خەلىپىلىككە ياردەم قىلىشتا ئالدىراڭلار. ئازغۇن مەلئۇنلارنىڭ سىلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى كۆرمەيۋاتامەسىلەر؟ بۇ ئازغۇن مەلئۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان خەلىپىلىك دۆلىتى بىلەن بىرگە بولۇڭلار.›دېدى.»

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھالقىلىق كۈنلەردە، دائېشنىڭ تۈركىيە توغرىسىدا مۇشۇنداق بىر خەتەرلىك ئۈن لېنتىسى تارقىتىپ، قوللىغۇچىلىرىنى ئىستانبۇلنى «پەتھى» قىلىشقا چاقىرىشى ھەققىقەتەن دىققەت قوزغايدۇ. 



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر